- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدە ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىشنى توسۇشتا ئۈنۈم كۆرۈلدى
2014.02.24 10:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئىستېمال قىلىش ئۈنۈملۈك توسۇلدى، غەيرى ئىستېمالدىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمە يوقىتىلماقتا، ئىستېمال بازىرى ساغلاملاشماقتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خې جيەن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەيرى ئىستېمال كەسپىنىڭ تەڭشىلىشى ئاياغلىشاي دەپ قالدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەيرى ئىستېمال كەسپى ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىدىن شەكىللەنگەن كەسىپلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئالدىنقى يىللاردا، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش بىرقەدەر ئېغىر ئىدى، بۇ بەزى كەسىپلەرنىڭ غەيرى تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى، ئالايلۇق ئالىي رېستوران ، ئالىي مېھمانخانىلار ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار ئەدىگەن ئىدى، ئۆتكەن يىلى مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بۇ غەيرى ئىستېمال كەسپىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى.
بەزىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئىستېمال قىلىشنى توسۇش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ بولدى دەپ قارىدى،بۇنىڭغا قارىتا خې جىيەن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئىسلاھاتلار يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، ئەمما يېقىنقى مەزگىلدىن قارىغاندا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېجەشلىك بولۇشنى تەكىتلەش، بۇزۇپ چېچىشقا قارشى تۇرۇش ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا ئىستېمالنى ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماستىن بەلكى مەدەنىي، تېجەشلىك بولۇش، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمال قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش، ئىستېمالنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۆتكەن يىلى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى يەنىلا ئاشقان، مەلۇماتقا قارىغاندا 2013-يىلى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %13.1 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %11.5 ئاشقان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال پۇقراۋىي دەۋرگە كىرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا ئېلىمىزدە شەخسىلەر ئىستېمالىنىڭ ئىستېمال ئومۇمىي نىسبىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى داۋاملىق ئاشىدۇ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تەدرىجىي ئاشىدۇ، كارخانىلارنى ئېلىپ ئېيتساق، نەزىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى ئىستېمالدىن ئاۋام ئىستېمالىغا قاراتسا، بازارنىڭ ھەقىقىي تەلىپى بويىچە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، باشتىن ئاخىرى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلالايدۇ.
ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىدىن تېجەلگەن مەبلەغنى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى تەلەپنى ئاشۇرۇش كېرەك، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر بىز كىرىم تەقسىماتى مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولساق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالى مۇقىم ئاشىدۇ، بۇ يىل كېلەر يىلدىكىدىن ناچار بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر