باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار يېزا يەرلىرىنى گۆرۆگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىشنى سىناق قىلماقتا

2014.02.24 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلگەن يەرگە ئىگە بولۇش، ئىشلىتىش، پايدا ئېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇش، كېپىللىك قىلىش ھوقۇقى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن جايلار يېزا يەرلىرىنى گۆرۈگە قويۇش تۈرىدىكى قەرز پۇلنى سىناق قىلىشنى تېزلەتتى.

  ئىگەللىنىشچە، يېزا يەرلىرىنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئېلىش بەلگىلىك دەرىجىدە دېھقانلارنىڭ مال مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلارنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قوللاپ، يەرلىك ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

  جىلىن ئۆلكىسى بۇ جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا باشلامچى بولدى ھەمدە 2012-يىلى 20-ئاۋغۇست لىشۇ ناھىيەسىدە يەردىن كېلىدىغان پايدىغا كاپالەتلىك قىلىش قەرز پۇلى سىنىقىنى ئېلىپ باردى، نۆۋەتتە ئۆلكە بويىچە 42 ناھىيە 356 مىليون يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل تارقىتىپ، 8721 دېھقان ئاھالىسى، ئائىلىۋىي دېھقانچىلىق مەيدانى، ھەمكارلىق كوپراتپى ۋە يېزا ئىگىلىك كۇزۇر كارخانىلىرىنى نەپكە ئىگە قىلدى.

  جايلار پۇل مۇئامىلە خەتىرى ۋە دېھقانلارنىڭ يەردىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىشچان نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى ھەمدە يېزا يەرلىرىنى گۆرۈگە قويۇش بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن نەرسە ھوقۇقى مەبلەغ يۇرۈشتۈرۈش شىركىتى ھەمدە مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، سىناقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  چۇڭچىڭ شەھىرى قەرز پۇلى خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ ھوقۇقنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىش خەتىرى تولۇقلىما فوندى تەسىس قىلدى يەنى شەھەر، رايون ۋە ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە مەبلەغ تولۇقلىمىسى ئارقىلىق دېھقانلار قەرز پۇلنى قايتۇرالمىسا ھۆكۈمەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تولۇقلىما بېرىپ، ھۆكۈمەت، بانكا ۋە دېھقانلار خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان قېلىپ شەكىللەندۈردى.

  شەندوڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرى شەھەر، رايون، يېزا بازاردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا يەرلىرىنى ئىشلىتىش مۈلۈك ھوقۇقى بازار سودا تورىنى قۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوبيېكتىپ باھالىدى ھەمدە ئاشكارە سودا قىلىپ، سودىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. جايلارنىڭ سىناق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا يېزا يەرلىرىنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئېلىش خەتىرى ئومۇمەن بىرقەدەر كىچىك ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سىناقنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئاساسىدا يېزىلاردا يەر ھوقۇقىنى بېكىتپ كېنىشكە تارقىتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال مۈلۈك ھوقۇقى بېرىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر