- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ش ئۇ ئا ر ئۈچ يىلدا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا 100 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاجراتتى
2014.02.24 10:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئوقۇشىمىزچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ 100 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى 954 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇدا ئىش باشلىغان، شەھەر-بازارلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇ بىلەن قاپلاش نىسبىتىنى %17.8 يەتكۈزۈپ، 2009-يىلىدىكىدىن 15.22 پوئىنت ئاشۇرغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونۇم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئوتتۇرىھال ۋە تۆۋەن كىرىملىك 620 مىڭ ئائىلىدىكى 1 مىليون 562 مىڭ 400 كىشىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنغان، تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكىتلىرى، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىدىن شەھەر-بازارلاردىكى ئوتتۇرىھال ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلار، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر، كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئاھالىلارغىچە كېڭەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش رولى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋېي مىڭ «شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىل تەخمىنەن 260 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ» دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر