باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014-يىلى شىنجاڭدىكى 11 ناھىيە (شەھەر) مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2014.01.10 15:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى 2014-يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋىلايەت ، ناھىيەلەرنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى قول قويغان ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى خاتىرىسى ›› گە ئاساسەن ، 2014-يىلى ، شىنجاڭنىڭ سەككىز ۋىلايەت ، ئوبلاست ( شەھەر) ىكى 11 ناھىيە (شەھەر، رايون ) تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتى نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ، 14 ناھىيە (شەھەر ، رايون) مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملايدۇ .

  بۇ يىل ، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەقىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان 11 ۋىلايەت ، ناھىيە (شەھەر، رايون) كۈنەس ناھىيەسى ، ساۋەن ناھىيەسى ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ، كۆكتوقاي ناھىيەسى ، سانجى شەھىرى ، ماناس ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى ، قومۇل شەھىرى ، چاقىلىق ناھىيەسى ، كۇچا ناھىيەسىدىن ئىبارەت .

  بۇ 8-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان شىنجاڭدىكى 2014-يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋىلايەت ، ناھىيەلەرنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇر . شۇ كۈنى ، ئاپتونوم رايون 2014-يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر) ، ناھىيە (شەھەر ، رايون) لەرنى ، شۇنداقلا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى قىسمەن تاماملىغان ناھىيەلەرنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى يەنە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىشان ۋەزىپىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت ، ئوبلاست (شەھەر) نىڭ مائارىپ ئىدارىسى ۋە كۈنەس ناھىيەسى قاتارلىق 13 ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ رەھبىرى مەخسۇس تۈر دوكلاتى بەردى .

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئسى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى . ئۇ ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلاردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈر ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر