باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەرقىي جۇڭغار رەڭدى كىرىش 750 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى

2013.11.04 16:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭ شيۇلىڭنىڭ 1 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسىلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقىي جۇڭغار رەڭدى كىرىش 750 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار مۇھىم سىياسەتلەرنى چىقىرىشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدارلىق سانائەت كارخانىلىرى رەڭدى كىرىش سانائەت رايونىغا ماكانلىشىپ، ئېلېكتىر كۈچى يۈكىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ‹‹12 – بەش يىللىق پىلان››نىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ‹‹13 – بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش يۈكى سىجىل ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور رامكا قۇرۇلۇشىنى تېزلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئېنېرگىيە ئىدارىسىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تور رامكا قۇرۇلۇشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 8 – ئۆكتەبىر شەرقىي جۇڭغار رەڭدى كىرىش 750 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى.

  شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار رەڭدى كىرىش 750 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتسە، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى كەسپى بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سانجىنىڭ شەرقىي قىسم ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە رەڭدى كىرىش رايونىدا سىغىمچانلىقى چوڭ ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر