باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا «ئالتۇن تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى»نى تېپىپ چىقىش كېرەك دېدى

2013.11.04 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي خىزمەت ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ماكرولۇق ئىگىلىك، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق يۈزلىنىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسىپلەردىكى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى نۆۋەتتىكى كارخانا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتى، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى كۆزلىمە ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرى بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەيدىغان ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ئاساس سالىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇرۇنقىدەك تېز ئېشىشنى ساقلاپ قالىمىز دېسەك ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن بولىمىز، لېكىن تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە، بەلگىلىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى تىرەك قىلمىساق، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا زۆرۈرىيەت بىلەن ئىمكانىيەت، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش ئارىسىدىكى «ئالتۇن تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى»نى تېپىپ چىقىپ، ئېشىشنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، تولۇقراق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم. (چېن ئېرخوۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر