باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تور مەدەنىيىتى يېزا–كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈلدى

2013.11.04 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق سەنئەتكارلىرى يۇمۇرلۇق، ئىلغارلىق، خاسلىقنى نامايان قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2 – نويابىر تېلېگراممىسى. كەچ كۈزدىكى تارىم ئويمانلىقى مول ھوسۇل پەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، نەچچە ئون مىڭ ھەر مىللەت ئامما ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، يېزا – كەنتلەرگە يۈزلەنگەن تور مەدەنىيەت بايرىمىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىللە چاقچاق، ناخشا – ئۇسسۇل، تورغا چىقىش، ھەمتۈرتكە ئويۇن قاتارلىقلاردىن بەھرىلەندى. بۇ نومۇرلاردا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇمۇرلۇق، ئىلغارلىق، خاسلىقى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلاردىن ھۇزۇرلاندى.

  يېزا – كەنت ئاھالىسىنى تور مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ مول نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن، 10 – ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭدا تور مەدەنىيىتىنى يېزا – كەنتلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىپ، تورداشلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناخشىچىلار، خەلق چاقچاقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىدىكى سەككىز ناھىيەگە بېرىپ، شۇ جايدىكى دېھقان – چارۋىچىلارغا چاقچاق، ناخشا – ئۇسسۇل، دوراش ماھارىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

  ساز چىلىپ ناخشا ئېيتىش، لەتىپە سۆزلەشكە ماھىر ھەبىبۇللا موللامنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى نامى بار. ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: ‹‹چاقچاق ئۇيغۇرلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان، تۇرمۇش، ئەقىل – پاراسەت مۇجەسسەملەشكەن سەنئەت شەكلى بولۇپ، چاقچاقتىكى شەخس ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزى توغرىسىدا ئويلاندۇرىدۇ.›› ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان – چارۋىچىلار مانا مۇشۇنداق مەدەنىيەت پائالىيەتلرىگە ئىنتىزار، مۇشۇنداق ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى قوللاش كېرەك، باشقىلارغا خۇشال يەتكۈزۈش ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش.››

  مەيلى ئاقسۇ ۋىلايىتى ياكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بولسۇن، قەيەردە سەھنە ياسالسا شۇ يەردە تاماشىبنلار پەيدا بولدى. ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىدا ئويۇن قويۇلغان كۈن بازار كۈنى بولسىمۇ، 3000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بازارغا كىرمەي، بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا يىغىلىپ، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزىسىنىڭ ئويۇن قويۇش ئورنىدىكى 2900 ئورۇن توشۇپ كېتىپ، 4000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما چىملىقتا ئولتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ئويۇن كۆردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمى مىكرو كىنو مۇسابىقىسى، تور ناخشىچىسى مۇسابىقىسى، چاقچاق سۆزلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق 14 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 561 يۇمۇر، 537 كۈلكە چىراي، 126 كۈلدۈرگە ئەسىرى يىغىلغان. تۇنجى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيىتىنى يېزا – كەنتلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە، توردىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تۇنجى قېتىم يەتكۈزۈلۈشىدۇر، 1000 دىن ئارتۇق قويۇق شىنجاڭچە پۇراققا ئىگە ئەل ئىچى ئىجادىي ئەسەرلەر توپلام قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارغا مول، رەڭدار تور مەدەنىيىتى ھېس قىلدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر