باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەتتىن ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2013.11.04 16:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە: ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەتتىن ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نۇمۇر چېكى ۋە نەتىجسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتىدىن يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تارماقلىرى ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ‹‹كەسپى ئىقتىدار سىنىقى›› ‹‹ئالاقىدار كەسىپ سىنىقى›› ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نۇمۇر چېكى 70، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تىزىملاتقانلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لايەقەتلىك بولۇش نۇمۇر چېكى 65 ئىكەن.

  ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ چارۋىچىلىق تارماقلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ‹‹كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى››، ‹‹ئالاقىدار كەسىپ سىنىقى››ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نۇمۇر چېكى 65، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تىزىملاتقانلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نۇمۇر چېكى .60

  يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلار ياكى بىر پەن ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلار ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار يۈز تۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

  يۈز تۇرا ئىمتىھاننىڭ كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردىن ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر