باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە ئىشنى بالدۇر باشلاپ ئاستا-ئاستا يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى

2013.11.04 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2013-يىللىق جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى لىگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، دۆلىتىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى بۇ يىل 200 مىليوندىن، 2025-يىلىغا بارغاندا 300 مىليوندىن، 2034-يىلىغا بارغاندا 400 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ قېرىلىشىشقا تاقابىل تۇرۇشىغا ئېغىر سىناق بولىدۇ.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ يەنسۇي بالدۇر باشلاپ، ئاستا-ئاستايولغا قويۇش تەكلىپنى بەردى. ياڭ يەنسۈي مۇنداق دېدى: مەمۇرلاردىن باشقا، ئاممىۋى ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، خىزمەتكە چىقىشى كېيىنرەك، شۇڭا پېنسىيە چىقىشنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ. پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت خادىملىرى، تېخنىك خادىملار ۋە سالامەتلىكى ياخشى ئىشچىلارمۇ پېنسىيەگە چىقىشنى مۇۋاپىق ھالدا كېچىكتۈرسە بولىدۇ.مېيىپلار، جاپالىق ئورۇندىكى خادىملاركېچىكىپ پېنسىيگە چىقمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلەرگە قارىتا،پېنسىيە كېچىكىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. (مۇخبىر جياڭ يۈنلۇڭ جۇ جيەنخۇڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر