باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2-تۈركۈمدىكى 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىش نۇقتىسىغا بېرىپ بولدى

2013.11.04 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىم ھوقۇق-پۇل سودىسى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى كۆزىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان جايلار ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ كۆزىتىش خىزمىتىنى باشلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئون كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جىلىن، يۈننەن، سەنشى، ئەنخۈي، گۇاڭدۇڭ، سەنشيا گۇرۇھى، خۇنەنلەردە كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىكەن.مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىدە تۆت نۇقتا گەۋدىلەندۈرىلىدىكەن: بىرىنچى، رەھبىرىي كادىرلاردا ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەر بارمۇ-يوق؛ ئىككىنچى، رەھبىرىي كادىرلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك قاتارلىق پارتىيەنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر بارمۇ-يوق؛ ئۈچىنچى، رەھبىرىي كادىرلاردا پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرى قاتارلىق زور سىياسىي مەسىلىلەرگە قارىتا قارشى پىكىر بايان قىلىش، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ» قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر بارمۇ-يوق؛ تۆتىنچى، ئەمەل سودىسى قىلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى بارمۇ-يوق. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر