باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈچ پەسىلدە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ %30 ئاشتى

2013.11.04 16:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن چياڭۋېينىڭ ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 294 مىليارد 378 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %30.13 ئېشىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %82.92 ى ئورۇندالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئەمەلىيلەشگەن مەبلەغ سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى 1 – كەسىپ تۈرى 156 بولۇپ، 3 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %67.01 ئاشقان؛ 2 – كەسىپ تۈرى 1860 بولۇپ، 251 مىليارد 673 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %17.31 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %74.09 ىنى ئىگىلىگەن؛ 3 – كەسىپ تۈرى 870 بولۇپ، 84 مىليارد 174 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %90.38 ئاشقان. ھازىر 1 – ، 3 – كەسىپ تۈرىنىڭ سېلىنما سوممىسى سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئاشقان، 2 – كەسىپ تۈرىنىڭ سېلىنمىسى مۇقىم ئۆرلەپ، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايغان.

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ 1895 تۈرىدە 162 مىليارد 653 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %34.73 ئاشقان. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدە، ئەلئارا سېلىنما تۈرى 2423 كە يېتىپ، ئەمەلىيلەشكەن ئەلئارا سېلىنما 193 مىليارد 681 مىليون يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر