خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزا سەڭگىلەچ كەنتىدىكى ياش دېھقان مۇھەممەد مۇسا يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسراش رولىغا ئىگە ئەمەلىي قوللىنىشچان مەھسۇلات ـــ كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازىنى ئىس-تۈتىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كەشىپ قىلىپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېنت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى.
دېھقان مۇھەممەد مۇسا بۇلتۇردىن بۇيان مۇكەممەل لايىھە تۈزۈش، جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق كەشىپ قىلىپ رۇياپقا چىقارغان بۇ يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسراش ئۈسكۈنىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىر قىسىم شەھەرلەردە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلارنى گاز يېقىلغۇلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولسىمۇ،يەنە كۆپ قىسىم شەھەرلەردە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلىرىنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىلىشىدىن پەيدا بولغان كۆمۈر گازىدىن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولماقتا. بۇلتۇر ئېچىلغان پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شەھەر،يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش،مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىشى ۋە دۆلەت،ئاپتونوم رايوننىڭ «كۆك ئاسمان» قۇرۇلۇشى پىلانىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، مېنىڭ بۇ خىل ئۈسكۈنىنى كەشىپ قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇردىن بۇيان ئىشلىگەن كۆپ قېتىملىق سىناق مەشغۇلاتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن،بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە تەتقىقات دوكلاتى ۋە پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماسى سۇنۇپ، 10-ئايدا پاتېنت ھوقۇقى گۇۋانامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
دېھقان كەشپىياتچى مۇھەممەد مۇسانىڭ تونۇشتۇرىشىچە،ئۇ بۇ قېتىم كەشىپ قىلغان پار قازىنى ئىس-تۈتىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى كۆمۈر گازىنى سۈمۈرۈش يەل پومپىسى، كۆمۈر گازىنى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ساندۇقى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستانسىسى پار قازىنى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پار قازىنى ئىس-تۈتىكىنى ھاۋاغا قويۇپ بەرمەي پار قازان ئۆيىدىلا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇھىت ئاسراش، ئىس-تۈتەكسىز مۇھىت بەرپا قىلىش تىپىدىكى ئۈسكۈنە ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆمۈر گازىنى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇش ساندۇقىغا يىغىلغان سۇيۇقلۇق قالدۇقىدىن خېمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى