باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇچيەن شەھىرى ئەڭ ئاز تەكشۈرۈش تەستىقلاش ئارقىلىق ئەڭ زور ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

2013.11.04 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر نەنجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»، «يېڭىلىق يارىتىش بېلىتى» دېگەندەك يېپيېڭى ئىجادىيەتلەر جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ۋە پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا زور پايدا ئېلىپ كەلدى.

  سۇچيەن شەھىرى مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھوقۇقنى بازارغا، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا چۈشۈرۈپ بەردى.

  بۇ يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، سۇچيەن شەھىرى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئورگان كود گۇۋاھنامىسى، دۆلەت بېجى تىزىملاش كىنىشكىسى، يەرلىك باج تىزىملاش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت «تۆت كىنىشكا (گۇۋاھنامە)نى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، بىرلا كۆزنەكتە قوبۇللاش، بىرلا جەدۋەل تولدۇرۇش، ئىچكى قىسىمدا يۆتكەش، بىرتۇتاش كىنىشكا تارقىتىشنى يولغا قويدى.

  سۇچيەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى بىناسىدا، مۇخبىر كىنىشكا بېجىرىشكە كەلگەن سۇچيەن جۇڭرۈي قۇرۇلۇش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ پايچېكى ليۇ لىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۆت كىنىشكىنى ئۈچ خىزمەت كۈنىدىلا بېجىرگىلى بولىدىكەن، بۇرۇن 12 خىزمەت كۈنىدە ئالتە قېتىم كېلىپ ئاندىن بېجىرگىلى بولاتتىكەن، ھازىر بىر نەچچە تارماق بىرلا يەردە ئىش بېجىرىدىغان بوپتۇ.»

  بىر مەيدان ئىسلاھات ئارقىلىق، ھازىر سۇچيەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدىن 57 لا قالدى، 136 تۈر قىسقارتىلىپ، ئىخچاملاش نىسبىتى ٪70تىن ئېشىپ كەتتى، ھازىر سۇچيەن شەھىرى مەملىكىتىمىزدىكى مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئەڭ ئاز بولغان ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. سۇچيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لەن شاېمىن مۇنداق دېدى: «مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى قىسقارتىپلا قالماي تەرتىپكە سېلىش كېرەك، ھۆكۈمەت باشقۇرماسلىققا تېگىشلىك بولغان، ياخشى باشقۇرالمايدىغان ۋە باشقۇرالمايدىغان تۈرلەرنى جەمئىيەتكە، بازارغا ۋە كارخانىلارغا چۈشۈرۈپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى ئازايتىش ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. ھوقۇقنى قويۇۋېتىش لېكىن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەسلىك، ھوقۇقنى نەق جايىدا قويۇۋېتىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» (جاۋ جىڭئەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر