باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزغا 150 مىليون يۈەن ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى

2013.11.04 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭ شيۇلىڭنىڭ 1 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى مەزگىلدىكى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2014 – يىللىق يۆلەش – ئېچىش، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېقىندا 2014 – يىللىق مالىيە خامچوتى ئىچىدىكى ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش مەبلىغى پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا مەركەز مالىيە خامچوتىدىن 150 مىليون يۈەن (15 مىليون يۈەن ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاجراتقان.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى›› غا ئاساسەن، بۇ مەبلەغ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قاتارلىق قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارغا داۋاملىق مايىللاشتۇرۇلۇپ، نامرات يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەرەققىيات مۇھىتى كۈچەپ ياخشىلىنىدىكەن. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيتىشقا ئالاقىدار يېزا كىچىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدىكەن. پىلان بويىچە، 23 مىڭ مو ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىز ئۆزگەرتىلىپ، 90 مىڭ مو يەرنىڭ سۇغىرىش شارائىتى ياخشىلىنىدىكەن، يېزىلاردا يېڭىدىن 52 كىلومېتىر يېزا، كەنت يولى ياسىلىدىكەن ۋە كېڭەيتىپ ياسىلىدىكەن، 100 كىۋادرات كىلومېتىر ۋادا تۈزلىنىدىكەن، 20 مىڭ مو يايلاق بەرپا قىلىنىدىكەن.

  2014 – يىللىق مەركەز مالىيە خامچوتى ئىچىدىكى ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاجرىتىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش پەسلى قىسقا، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەشتە بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر