باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي مۇھىت قوغداش كۈرىشى باشلاندى

2013.11.04 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى زىيارەت قىلىپ، چەتتە قاراپ تۇرغان، ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. گەرچە ئىس-تۈتەك بولمىسىمۇ، لېكىن كەسكىن بولغان بىر مەيدان مۇھىت قوغداش كۈرىشى باشلىنىپ كەتتى.

  كۆپكۆك ئاسماننى قايتا كۆرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار يېڭى مۇھىت ئاسراش كۈرىشىنى باشلىدى.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8 تىن %7.5 كە چۈشتى، بېيجىڭ شەھىرى كۆزلىمە نىشاننى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئاتموسفېرانى تۈزەش، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرگە يۆتكىدى؛ تيەنجىن پات ئارىدا چىقىرىلىدىغان رايون، ناھىيە رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نومۇر قىممىتىنى 22 كە يەتكۈزۈپ، 2-ئورۇندا تۇردى؛ خېبېي يېقىنقى مەزگىلدە كادىرلارنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت سۈپىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنىڭ ئۆلچىمىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈپ، تۇمان پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى ئازايتىش نىسبىتىنى تەكشۈردى.

  كۆپكۆك ئاسماننى قايتا كۆرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ باشقا تاللىشى قالمىدى، مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدى.

  بېيجىڭ مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئاسراشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كارخانىلارنى ئۆزىگە تەلەپ قويۇپ بۇلغىما تۈزەش ھەرىكىتىنى قوزغاشقا دەۋەت قىلىپ، ئامما ئۆزلۈكىدىن بۇلغىما ئازايتىش، جەمئىيەت بۇلغىمىدىن ساقلىنىشنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش جىددىي لايىھەسىنىڭ تەلىپىدە، 1-دەرىجىلىك ئالدىن سىگنال بېرىلگەندە، بالىلارنى قوغداش ھەم پۈتۈن جەمئىيەتتە مۇھىت ئاسراش تەربىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە دەرس توختاتتى. خېبېي ئۆلكىسى ئون مىڭ 292 ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش خالىسانە نازارەتچىسىنى تەكلىپ قىلىپ، ھەم مۇھىت بۇلغىغان كارخانىلارنى ئېنىقلىدى ھەم مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلدى.

  ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەش-بىر مەيدان قاتتىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشى شۇنداقلا بىر مەيدان ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش. ئاتموسفېرا بۇلغىنىش بىر دەمدىلا پەيدا بولغان ئىش ئەمەس، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھازىر مۇھىت ئاسراش كۈرىشىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر