باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كان باغچىسى تەستىقلاندى

2013.03.27 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:يېقىندا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ كۆكتوقايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار كېنىغا دۆلەت كان باغچىسى سالاھىيىتىنى تەستىقلاپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن كۆكتوقاي شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كان باغچىسى بولۇپ قالدى.

  19-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇرۇلماقچى بولغان شىنجاڭ كۆكتوقاي ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار دۆلەت دەرىجىلىك كان باغچىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆكتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 21 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ . باغچىدىكى ئۆسۈملۈك تۈرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، كۆكتوقاي يەنە كېلىپ قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولغاچقا، نۇرغۇن قىممەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلانغان، بۇلار ھۇزۇرلىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە