باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىدى

2013.03.27 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 25-مارت كەچتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىدى.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋانرومپىي شۇ كۈنى كەچتە تېلفوندا سۆھبەتلىشىپ، ياپونىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى رەسمىي باشلىدى. ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى يەنە تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنى بۇ يىل 4-ئايدا باشلاشنى بېكىتتى.

  ۋانرومپىي بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسسو 25-مارت ياپونىيە ياۋروپا باشلىقلىرى سۆھبىتىگە قاتناشماقچى بولغان ئىدى، بىراق سېپروس كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تۈپەيلىدىن سۆھبەتكە قاتنىشىش كۈن تەرتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئەزاسى 25-مارت توكيودا ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىق كېلىشىمى سۆھبىتى قاتارلىق ياپونىيە ياۋروپا ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە