باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئافغانىستانغا باغرام تۈرمىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى

2013.03.27 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى 25-مارت چۈشتىن بۇرۇن باغرام تۈرمىسىنى ئافغانىستان تەرەپكە رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى شۇ كۈنى باغرام تۈرمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىكى خەۋەردار ئەربابىنىڭ ئېيتىشىچە: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كونكىرېت تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلغان. بۇندىن ئىلگىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان بۇ تۈرمىدە قاماپ قويۇلغان خەتەرلىك ئۇنسۇرلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

  باغرام تۈرمىسى كابۇلنىڭ شىمالىيغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن. ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ تۈرمە ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كونتىروللىقىدا تۇرۇپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن گۇمانلىق خادىملىرى قاماپ قويۇلغان ئىدى. 2012-يىلى 2-ئايدا، بۇ تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك سەتچىلىكى بىلەن بۇ تۈرمە جەلبكار نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇندىن كىيىن ئافغانىستان جامائەتچىلىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈرمىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈزۈۋالماسلىقىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قىلماسلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قاراپ كەلدى. بىراق باغرام تۈرمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ئىزچىل تۈردە ئارقىغا سۆرۈلۈپ كەلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر قىسىم مەھبۇسلارنى داۋاملىق قاماپ قويدى، بىراق ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى مەملىكەت ئىچىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىگۇناھ دەپ قارالغا مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە