باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرمىدا دىنىي توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

2013.03.27 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:بېرما پىرېزىدېنتى ئوتىنسىن 22-مارت قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەر مېيىكتىلانىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 23-مارت، بېرما ئارمىيەسى مېيىكتىلاغا كىرىپ، قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلدى. بۇ شەھەردىكى ئۆكتىچى پارتىيە مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنىتتىكى ئەزاسى مۇنداق دېدى: ئارمىيە ئامانلىقنى ساقلاشنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كېيىن، مېيىكتىلا شەھىرى تەدرىجىي تىنچلاندى، ئالتە مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان ئاھالىسى تەنتەربىيە سارىيىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى مالىمانچىلىق مېيىكتىلادىكى بىر ئالتۇن ماگىزىندا يۈز بەرگەن ئىختىلاپتىن كېلىپ چىققان. توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپ ئوخشاش بولمىغان ئىككى دىندىكىلەر، ماگىزىننىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولۇپ، تالاش-تارتىش قىلغان ئەر ئايال بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىكەن، بۇ ۋەقە تېزدىن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاشقا ئۆزگىرىپ، تەخمىنەن 200 كىشى بۇ ماگىزىننى ئۇرۇپ چاققان ۋە بۇلاپ كەتكەن، بۇنىڭغا يېقىن نەچچە ئون ئالتۇن دۇكىنى بۇلاپ كېتىلگەن. بىر راھىب توقۇنۇشتا قازا قىلغان، بۇ ۋەزىيەتنى تېزدىن يامانلاشتۇرىۋەتكەن، بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كۆپلىگەن ئامما مۇسۇلمانلار رايونىغا ھۇجۇم قىلغان.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە: دىنى گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇشىدا 32 كىشى قازا قىلغان، شۇ يەردىكى كىشىلەر مالىمانچىلىقدىن كۆڭلى يېرىم بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە