باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىنچ ئوكيان ئېنېرگىيە باشلىقلىرى يىغىنى ئاۋكتا ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.27 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ئىككى كۈن داۋاملاشقان تىنچ ئوكيان ئېنېرگىيە باشلىقلىرى يىغىنى 25-مارت يېڭى زىللاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئاۋكتا ئېچىلدى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جۇڭگو، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئارال دۆلەتلەرنىڭ تېرىلمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ۋە يېقىلغۇ ماينى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىشىغا قانداق ئازايتىشنى كېڭەشتى.

  بۇ قېتىمقى تىنچ ئوكيان ئېنېرگىيە باشلىقلىرى يىغىنىنى يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەمئىي 400 دىن كۆپرەك ۋەكىل ۋە 100 دىن كۆپرەك شىركەت يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە يەنە تېرىلمە ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېڭى زېللاندىيە باش مىنىستىرى جۇھون كى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشدىن مەقسەت تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۇسۇلى، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە يەككە سودا ئورگانلىرىنىڭ تېرىلمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن زور كۇچ بىلەن ياردەم بېرىشكە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە