باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراقۇرۇم تېغىنىڭ خەزىنە ئىشىكى ئېچىلدى

2013.03.27 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ئالتاي تېغى، تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم تېغىدىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى ئىچىدە قاراقۇرۇم تېغىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى ئەڭ كېيىن چارلىنىپ ئېچىلىپ، قاراقۇرۇم تېغى ئاخىر ئېغىر ئۇيقۇدىن ئويغاندى: «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقى قاراقۇرۇم تېغىدىكى تۇنجى كۆلەملەشتۈرۈلگەن رەڭلىك مېتال كارخانىسىنىڭ 300 مىڭ توننىلىق مىس، سىنىك كانى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  يېقىندا بىز «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقى جايلاشقان قاتىشىش كان رايونىدىكى تاغ باغرىدا قاتار كەتكەن مىس، سىنىك رۇدىسىنى پىششىقلاش سېخلىرىنى كۆردۇق، سېخلارغا ئېزىش، لەيلىتىپ تاللاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، قىسمەن لىنىيەلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنىدى.

  2010-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو «باۋلى» گۇرۇھ شىركىتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، قاراقۇرۇم تېغىغا يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلىپ، قاتىشىش كان رايونىدا ئەسلىدە بار بولغان نەچچە كان كارخانىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، بۇ گۇرۇھنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى رەڭلىك مېتال كارخانىسى «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقىنى قۇردى.

  ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقى كان رايونى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 690 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1-قارارلىق 300 مىڭ توننىلىق مىس، سىنىك كېنى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. ھازىر كان قۇدۇقلىرىدىكى ئۆڭكۈرلەر ۋە يوشۇرۇن قوشۇمچە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇش خىزمىتى ئاساسەن تاماملىنىپ، يىلىغا 300 مىڭ توننا رۇدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈلدى. رۇدا تاللاش زاۋۇتى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

  «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقى يەنە 63 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىن قاتىشىش كان رايونىغىچە 78 كىلومېتىرلىق 110 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر سىمى تارتتى. بۇ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقىنىڭ توك ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماي، كان رايونىدىكى باشقا كارخانىلار ۋە قاتىشىش كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل «باۋلى شېنلەن» كانچىلىقىنىڭ 2-قارارلىق 300 مىڭ توننىلىق رۇدا تاللاش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 600 مىڭ توننا مىس، سىنىك رۇدىسى تاللاش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە