- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىستانبۇل 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا
2013.03.27 14:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باھالاش ئۆمىكى 24-مارت تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا تۆت كۈنلۈك ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى باشلىدى. تۈركىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ، ھەمدە توكيو ۋە مادىرىد بىلەن 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى كەسكىن تالىشىشتا غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل 24-مارت ئەتىگەندە تۈركىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن بىرگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا قاتنىشىپ، باھالاش ئۆمىكىنىڭ ئىستانبۇلنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىستانبۇل سودا، پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەركىزى بولۇپ، ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئىسمى جىسمىغا لايىق خەلقئارالىق شەھەر، ئۇ ئۇزاق تارىخغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زامانىۋىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئىستانبۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ قالىدىغان بولسا، تۈركىيە 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ،20 دىن كۆپرەك ئولىمپىك مۇساپىسىنى ئۆتكۈزۈش سارىيىنى يېڭىدىن قۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە