مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوۋاق زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلسا قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ

2020.06.04 16:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بالىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، لېكىن ئامېرىكا «مۇھىت ئىپادىسى ئىرسىيەتشۇناسلىقى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلسا، بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئامېرىكا بېل تېببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور روبېرت ۋوتلاند ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان چاشقاننى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇش(نورمال تاماق يېيىش) ياكى «تاللا تاماق»تەك چەك قويماسلىق ئۇسۇلىنى قوللانغان. كىچىك چاشقاننىڭ سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆلچەنگەن ئېغىرلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇلغان گۇرۇپپىدىكى چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان. كىچىك چاشقان 21 كۈنلۈك(ئىنسانلارنىڭ بوۋاق ۋە ئۆسمۈر مەزگىلىگە باراۋەر) ۋە ئالتە ئايلىق(ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە باراۋەر) بولغاندا، تەتقىقاتچىلار ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرە گېن گۇرۇپپىسىنى DNA مېتىللاشتۇرۇش ئانالىزى قىلغان. نەتىجىدە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى كىچىك چاشقاندا سۈتتىن ئايرىغاندىن كېيىنكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەنلىكى، يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇلغان كىچىك چاشقاندا ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاندىن بۇ خىل يۈزلىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇشى 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ چوڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇش كىچىك چاشقاننىڭ ئوزۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىلىرىدە ئىرسىيەت ئۆزگىرىشىنى بالدۇر پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تىپىك قېرىماي تۇرۇپلا ئاجىزلىشىش كۆرۈلگەن. ئورگانىزمنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىگەنلىكتىن، بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇش 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، بالدۇر قېرىش ھەمدە ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دوكتۇر ۋوتلاند مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بوۋاق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەكنى سەرخىللاشتۇرۇش بالىلار كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ