مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇيقۇڭىزنىڭ سۈپەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەپ بېقىڭ

2020.06.04 16:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئۇيقۇ سۈپىتىنى سىناش ئۇسۇلى:

  1. ئۇيقۇغا كىرىشىشىم تەسرەك(ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىدۇ).

  2. كۈندىلىك كېچىلىك ئۇيقۇ ۋاقتىم ئالتە سائەتتىن ئاز.

  3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ خىيال سۈرىمەن.

  4. ئۇيقۇ توغرىسىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى پەرەز قىلالايمەن.

  5. كېچىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم ئويغۇنىمەن.

  6. ئويغىنىپلا كەتسەم تەستە ئۇخلايمەن.

  7. بەزى ئىشلاردىن ئەنسىرەپلا تۇرىمەن.

  8. ئۆزۈم ئويلىغان ئورنۇمدىن تۇرۇش ۋاقتىدىن خېلى بۇرۇنلا ئويغىنىپ كېتىمەن.

  9. دائىم ئويغانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۇيقۇغا قانمىغاندەك ھېس قىلىمەن.

  10. مەن دائىم غەمكىنلىك، تەشۋىشلىنىش ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۇرىمەن.

  ئەگەر ھەممىسىگە [ياق] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، بۇ ھازىرقى ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر پەقەت 1~2سىگە [ھەئە] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىڭىزنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇققا [ھەئە] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ھازىرقى ئۇيقىڭىزنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئۆزىنى قانداق تەڭشەش كېرەك ؟

  1.بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش. يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيدە ئولتۇرغاندا ۋاقىت ئەركىن بولغانلىقتىن، تۈنەيدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ئۇيقۇ سۈپىتى بىر مەسىلىگە ئايلاندى، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدۇر. شۇڭا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىيولوگىيەلىك سائەت ئىنتايىن مۇھىم. ئۇخلاش ۋاقتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىش بەك تەس، لېكىن ئويغىنىش ۋاقىتىنى ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ. ئادەتتە كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا ئۇخلىسا، ئەتىگەندە مۇقىم ۋاقىتتا ئويغانغىلى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىيولوگىيەلىك سائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  2. ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش. كۆپ ساندىكى ئۇيقۇسىزلىق قورقۇش، ئەندىشە قىلىش، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، مەيۈسلۈك قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەنە ئۇيقۇغا بولغان زىيادە تەشۋىشلىنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەسىلەن، كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۇيقۇسىزلىقتىن قورقۇش، ئۇيقۇسى كەلگەنسېرى ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇسى كەلسىمۇ يەنە سەگەكلىشىپ كېتىش قاتارلىقلار. شۇڭا ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا ئۇيقۇسىزلىققىلا دىققەت قىلماي، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى تۈگىتىش كېرەك. دائىم قوللىنىدىغان كەيپىياتنى ياخشىلاشتا دىققەتنى يۆتكەش، مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

  3. يېشىل تەڭشەش تەدبىرى. جۇڭيى تىبابىتىدە ئادەم روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بىردەكلىككى ئىگە، بەدەندىكى ئىچكى ئەزالار، بەدەن ۋە قان، جىڭلو ئارقىلىق تەڭشەلگەندە ئۇيقۇغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، جىڭلو پەللىسىنى ئۇۋۇلاش، پەللە ئۇۋۇلاش، قۇلاق سۇپرىسىنى ئۇۋۇلاش، پۇت چىلاش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار بولۇپ، مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتۇر.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ