يېقىندا، گوللاندىيە ماسترىخت داشۆسى داۋالاش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بويى ئېگىز ئاياللارنى بويى پاكار، سېمىز ئاياللار ۋە ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا 90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.
بۇ تەتقىقاتتا 68 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 7807 نەپەر ياشانغانلار ئوبيېكت قىلىنىپ ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈلگەن، زىيارەت تەتقىقات تەكشۈرۈشىگە قاتناشقۇچى قازا قىلغانغا قەدەر ياكى 90 ياشقا كىرگەنگە قەدەر داۋاملاشقان. كۆرسىتىلىشىچە، بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىر بولمىغان، 20 ياشتىن باشلاپ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 30 دىن يۇقىرى بولغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، بوي ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتىردىن ئاشقان، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 25~18.5 ئارىلىقىدا بولغان ئاياللارنىڭ 90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقى %30 يۇقىرى بولغان. ئەرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە روشەن تەسىر كۆرسەتمىگەن.
بوش ۋاقىتتىكى ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئۆمۈر بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقىغا قارىتا سېلىشتۇرما تەھلىلىدىن بايقىلىشىچە، ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاز بولغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاياللار ھەر كۈنى 60~30 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلغاندا، 90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقى %21 ئاشقان. ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاز بولغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەر ھەر كۈنى 90 مىنۇتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلغاندا، 90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقى %39 ئاشقان.
يېڭى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ بوي ئېگىزلىكىمىز ۋە بەدەن شەكلىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغاندا، ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆمرىمىزنى ئۇزارتىش ئىنتايىن مۇھىم.
جۇڭگو خانىم-قىزلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ