شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن كۆرۈشتى

2019.08.30 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29- چېسلا كەچتە دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن كۆرۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكى ۋە 2019- يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى. مەن سىز بىلەن بىللە، داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن، بۇ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى فىلىپپىننىڭ «چوڭ قۇرۇلۇش ۋە ئالاھىدە قۇرۇلۇش» يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەت رايونى، تېلېگراف ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو فىلىپپىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنى فىلىپپىننىڭ بېلىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە، جۇڭگو فىلىپپىننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق تۈردە قەتئىي قوللايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ