مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ "ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش" توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2019.08.30 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- تۈركۈم «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركەزنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە «شى جىنپىڭنىڭ "ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈزۈندىلەر» دېيىلىدۇ)نى تەھرىرلەپ، مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  «ئۈزۈندىلەر»نىڭ مەزمۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزلىرى، دوكلاتلىرى، ماقالىلىرى، يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇقلىرى قاتارلىق 130 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، 10 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 362 ئابزاس بويىچە بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. مەركەزنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۈزۈندىلەر» بولسا،«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسىي دەرسلىك ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار بايانلىرىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ. بىز «ئۈزۈندىلەر»نى باش تېما تەربىيەسىنى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەقىقىي تۈردە ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ