مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ: سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2019.08.30 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 4- قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29- چېسلا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەزا ئورۇنلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى پائال ماسلىشىپ، ئىقتىسادنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 4- قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن بىر قېتىملىق يۇقىرى سۈپەتلىك «سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نى ئېلىپ باردى، بۇ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقىدا، بۇنىڭدا چوقۇم ھەر خىل تەسىرلەرنى تۈگىتىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور بىر قەدەم تاشلاندى. بۇنىڭدا جەمئىيەتكە ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، توغرا، نوپۇزلۇق ۋە سىستېمىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك. ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئابونتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىش، تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك. ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، ماتېرىياللار چوڭقۇر قېزىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىنىپ، 14- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى ئاساس سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ