دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: داۋاملىق ئۆرلەۋاتقان يەرشارى پارنىك گازىنىڭ قويۇقلۇقى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ۋە دېڭىز-ئوكياننىڭ كىسلاتالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، تېمپېراتۇرا خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بەش يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يۇقىرى تېمپېراتۇرا يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئىشخانىغا ياكى ئۆيگە كېلىپلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋېتىمىز. كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپ ℃26 لۇق ھاۋا تەڭشىگۈچتە ئۇزۇن يەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، يېپىنچا يېپىۋالىدۇ، يەنە بىر تەرەپ تىزگىنەكنى ئېلىپ تېمپېراتۇرىنى ℃22قا تەڭشەپ تۇرۇپمۇ: «نېمىشقا تېخىچە سالقىن بولمايدۇ؟» دەپ غۇدۇڭشىيدۇ.
ھاۋا تەڭشىگۈچنى زادى قانچە گىرادۇستا ئاچسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ خەلقئارا ئۆلچەم تەشكىلاتى(ISO)نىڭ تەۋسىيە قىلىشىچە، يازدا تېمپېراتۇرا ℃23-℃26، قىشتا ℃20-℃24قىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. جۇڭگودا، «گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»دا، ياز پەسلىدە ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ℃26دىن تۆۋەن بولماسلىقى، قىش پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئۆي ئىچى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تېمپېراتۇرىسى ℃20دىن يۇقىرى بولماسلىقى تەلەپ قىلىندى.
2005-يىلىدىن باشلاپ، ياپونىيە مۇھىت ۋازارىتى ياز پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ℃28تا ئېچىش ھەم ئادەمنى راھەتلەندۈرىدىغان، ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىدىغان ئۇسۇل دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا كۆپ ساندىكى ئىش بېجىش ئورۇنلىرىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃28قا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ھالبۇكى، بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ℃28تا ئاچسا، ئەلۋەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتقىلى بولىدۇ، لېكىن ئادەم بىئارام بولىدۇ، چۈنكى ℃25 ئەتراپىدا بولسا ئاندىن ئىنسانلار راھەتلىنىدىغان تېمپىراتۇرا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئادەم بەدىنى ئون مىليون يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃37 تا ساقلاپ كەلدى. لېكىن بۇ پەقەت ئوتتۇرىچە قىممەت ياكى ئوتتۇرا قىممەت بولۇپ، ئادەمنىڭ قولتۇق تېمپېراتۇرىسى ℃36 - ℃37قىچە، ئېغىز تېمپېراتۇرىسى ℃36.2-℃37.3قىچە، مەقئەت تېمپېراتۇرىسى ℃36.3- ℃37.3قىچە بولىدۇ. ئەگەر ئەڭ تۆۋەن تېمېراتۇرا ℃36 ۋە ئەڭ يۇقىرى تېمېراتۇرا ℃37.5نى ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى 0.618گە كۆپەيتكەندە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ℃22.25 ۋە ℃23.18 بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنى ئەمەلىيەتتە ھېس قىلغان تېمپېراتۇرا ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىدىن ℃1-℃2 تۆۋەن بولىدۇ، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يەتكۈزۈش تېمپېراتۇرىسى گەرچە يۇقىرىراق بولسىمۇ، لېكىن ئادەم بەدىنى ئەمەلىيەتتە ھېس قىلغان تېمپېراتۇرا ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭا، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃25 ئەتراپىدا كونترول قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ