مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇزىكىنى كۆپ ئاڭلاش تال ۋە ئاشقازان ساغلاملىقىغا پايدىلىق

2019.07.31 17:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  مۇزىكا بىر خىل روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاغرىقنى پەسەيتىپ، قوشۇمچە كېسەل داۋالاش رولى بار. جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادىمىيەسى شىيۈەن دوختۇرخانىسى تال-ئاشقازان ۋە جىگەر-ئۆت ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى خۇاڭ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى كىلىنىكىسىدا، يېتەكلەش خاراكتېرلىك مۇزىكا تەسەۋۋۇر تېخنىكىسى فىزىكىلىق داۋالاش ۋە ئاستا پەرۋىش قىلىش جەريانىدا كەڭ قوللىنىلدى.

  ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر مۇئەييەن رىتىمدىكى مۇزىكىنى ئاڭلىغاندا، قانۇنىيەتلىك ئاۋاز دولقۇنى تەۋرىنىش توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە «رېزونانس» پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ يۈرەك رىتىمى، نەپەسلىنىش رىتىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمدە خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلىغاندا، بەدەن سالامەتلىككە پايدىلىق بىر خىل ئاكتىپ ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن، بۇ خىل ماددا بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئېقىم مىقدارى ۋە نېرۋىلارنى تەڭشەپ، سېزىمچانلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.

  جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئەندىشە كەيپىياتى تال ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ئادەم ئەندىشە ھالىتىدە تۇرغاندا، كۆپىنچە ھاللاردا ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. مۇزىكا ئاۋازى تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىدىكەن. خۇاڭ يەنپىڭ دائىم يېتەكلەش خاراكتېرلىك مۇزىكا تەسەۋۋۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق بىمارنىڭ بىئاراملىقىنى پەسەيتىدۇ. مەسىلەن، بىمارغا ھەر قېتىم ئەمەن بىلەن داغلاش، تاش ئارقىلىق داۋالاش، قۇلاق پەللىسى قاتارلىق فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، خۇاڭ يەنپىڭ يېتەكلەش خاراكتېرلىك مۇزىكىلارنى تەكرار قويۇپ، ئۇلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ. مەيلى قايسى خىل بولسۇن، مەقسەت بىمارغا داۋالىتىش بىلەن بىرگە ئاغرىق ئازابىنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇلدۇرۇپ، كەيپىياتىنى خۇشال قىلىپ، ئورگانىزم شۇنداقلا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن «بوشىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئۈچۈندۇر، بۇ خىل قوشۇمچە ئۇسۇل داۋالاش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشكە ماسلىشىدۇ.

  شۇڭا، تال-ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا خام ۋە سوغۇق، ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ يېمەسلىكى، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېگەندىن سىرت، كەيپىيات ۋە روھىي ھالەتنى تەڭشەش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. زىيادە ئەندىشە قىلىدىغان ئادەمدە تال ۋە ئاشقازاندىن ئاسانلا مەسىلە چىقىدۇ. تۇرمۇشتا، ھەممە ئىشتا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە زىغىرلاپ كەتمەي، ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا مۇلايىم پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا، يېقىنلىرىغا ئېيتىپ، كۆڭلىدە ساقلىماسلىقى؛ ئادەتتە لەرزان مۇزىكىلارنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ئاۋازنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بېسىمنى پەسەيتىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ