مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياز پەسلىدە ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ...

2019.07.31 17:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋانىڭ بارغانسېرى ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى بۆلۈملىرىدە بىمارلار كۆپىيىشكە باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ياز پەسلى ئىچ سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل، شۇڭا «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى» دىن ئېھتىيات قىلىپ، «زىيادە سوغۇق، زىيادە قىزىق» نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى تال-ئاشقازان بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى تاۋ شياپىڭ مۇنداق دېدى: ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق، نەم بولغاچقا، ئۈچەي يولىدا كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزىملار ئاسانلا كۆپىيىدۇ، كۆپ تەرلەش، ياخشى ئارام ئالالماسلىق سەۋەبىدىن كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى خام يېيىش، پاكىز بولمىغان يېمەك- ئىچمەك قاتارلىقلار ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياز پەسلىدە كىشىلەر سوغۇق يېمەكلىك ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، زىيادە سوغۇق، زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەر ئۆز ئارا ئالمىشىپ، ئەزالارنى غىدىقلاپ ياكى ئىسسىق، سوغۇقنى تەڭشەش كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. «ياز پەسلىدە ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن يېمەكلىك ۋە مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ توڭلاتقۇدا ساقلىنىش ۋاقتىنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك، توڭلىتىلغان پىششىق يېمەكلىكلەرنى قىزىتقاندىن كېيىن يېيىش، سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە تازىلىق شارائىتى ناچار، سوغۇق سەيلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېمىتىش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سوسكىسىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوغۇق يېمەكلىكلەرنىلا يېمەسلىك، ھاۋا تەڭشىگۈچنى زىيادە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، سوغۇق، ئىسسىقنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، يازدا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاشسا، تەرەت سۇيۇق ھەم قان ئارىلاش كەلسە ئىچ سۈرگەن بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشتە ئادەم بەدىنى سۇسىزلىنىدۇ ۋە ئېلېكترولىت ئازىيىدۇ، ھەتتا كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بىمارلار كېسەل بولۇپ قالغاندا سۇنى كۆپرەك ئىچىشى ياكى تۇز سۇيى تولۇقلىشى كېرەك، ئەگەر بەدەن دە ماغدۇرسىزلىنىش ياكى يۈرەك سىقىلىش، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولماسلىقتەك ئېغىر ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل، شۇڭا كېسەلگە قارىتا دورا يېيىش كېرەك، بىمارلار ھەرگىزمۇ ئىچى سۈرسىلا ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلەتمەسلىكى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دورا ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ