مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىيابېت كېسىلىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك

2019.09.30 12:09 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دىبابېت كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

  بىرىنچى، ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش

  ئىككىنچى، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكتىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش

  ئۈچىنچى، ئۇزۇن مۇددەت تىنچ ئولتۇرۇشتەك ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن ساقلىنىش

  تۆتىنچى، ئىرسىيەت ئامىلى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئامىل، جەمەت ئىرسىيەت تارىخى بار بىمارلارغا قان قەنتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەت تىنچ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  دىيابېت كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

  تولىمۇ ئەپسۇس، دىيابېت كېسىلى ئۆمۈرلۈك كېسەللىك، ھازىرغىچە يىلتىزىدىن داۋالايدىغان ئامال يوق، لېكىن دىيابېت كېسىلىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەگەر ياخشى تىزگىنلەنسە، ئەمەلىيەتتە سالامەتلىكى نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، مۇھىمى ئىلمىي داۋالاش ۋە ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشتا، شۇڭا مەخپىي رېتسىپ، زور ئىلمىي بايقاش ياكى دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك كېرەك.

  تۆۋەندىكى بىر نەچچە كىچىك ساۋاتنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:

  بىرىنچى، دىيابېت كېسىلىنى چوقۇم بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك.

  ئىككىنچى، دىيابىت كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم مۇۋاپىق بولغان ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق داۋالىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  (مۇتەخەسسىس: چې خۇڭشيا؛ گەنسۇ ئۆلكىلىك 3- خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، مۇدىر ۋىراچى؛ ئەسەرنى گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ