جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى

2019.10.01 12:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، ھەر قايسى تەشكىلاتلار، ھەر قايسى مىللەتلەر، ھەر قايسى قاتلاملار ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى چىڭىتىپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا باسىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەلكەن يېيىپ ئۇزاققىچە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. تۆت مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئەرباب بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئوتقاشتەك گۈللەر كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى، ھەمدە قىزغىن ۋە شادىيانە بايراملىق كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىدى. رەئىس مۇنبىرىنىڭ ئۈستىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغان ۋە «1949-2019» دېگەن خەتلەر قىزىل بايراقنىڭ چاقنىتىشى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

  سائەت 17 يېرىملاردا، شادىيانە «مەرھابا مۇزىكىسى»نىڭ ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىشلار ياڭرىدى.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» زالدا ياڭرىدى.

  جاراڭلىق سىگنال ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ رەئىس مۇنبىرىگە چىقىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەگوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن دوست دۆلەتلەر ھەم خەلقئارا دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ