ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىپ، بىر نىيەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلايلى

ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىگە ئېھتىرام بىلدۈردى

2019.10.01 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوتقاشتەك قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى غايەت زور باش تېمىلىق مەنزىرە ھەيكىلى «قىزىل لېنتا» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى. ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىدىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۈخارگۈلى قاتارلىقلاردىن 18 گۈلچەمبىرەك ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى.

  سائەت ئونلارغا يېقىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ