شى جىنپىڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.10.01 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەمدىلا 2019 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، تىرېنېر ۋەكىللىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئالايىتەن تەكلىپ قىلدى، ھەم يىغىندىن بۇرۇن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، ترېنېر ۋەكىللىرى خەلق سارىيىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىگە كىردى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. يېتەكچى ۋە تىرېنېر، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن، سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ