مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاشىنىڭ سىزنى چېقىشى قان تىپىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز

2019.07.31 17:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ياز كۈنلىرى سىزدىمۇ مۇشۇنداق سېزىم بولامدۇ، بىر ئۆيدىكى ئادەملەر ئىچىدە، پاشا قېرىشقاندەك سىزنىلا ئىزدەپ چاقىدۇ، باشقىلارنى ئاز چاقىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

  پاشا سېزىم قوبۇل قىلىش ئەزالىرىغا تايىنىپ «ئولجا» ئىزدەيدۇ

  چېڭدۇ خۇاشى ھاشارات مۇزېيىنىڭ باشلىقى جاۋ لى مۇنداق دېدى: پاشا كىشىلەر تارقاتقان كاربونⅣ ئوكسىدقا ئىنتايىن سەزگۈر. ئارىلىق ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، ئۇ سىز چىقارغان كاربون ئوكسىدى ۋە تارقاتقان سۈت كىسلاتاسى، ئاممىياك گازى قاتارلىق پۇراقلارنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇ نىشانغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئاساسلىقى ئادەم بەدىنى تارقاتقان ئىسسىقلىق ئارقىلىق ئورنىنى بېكىتىدۇ. پاشا نىشانغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئەتراپتا ئۇچىدۇ، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ تېرىڭىزگە قونىدۇ. ئادەتتە، پاشىنىڭ قان شوراش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، تويغاندىن كېيىن كېتىدۇ.

  تەر كۆپ چىقىدىغان، نەپەس ئېلىشى ئېغىر ئادەمنى پاشا ئاسان چېقىۋالىدۇ

  پاشىنىڭ قانداق ئادەمنى چېقىشى قان تىپى، جىنسى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق. كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، پاشا پەرقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ ئادەمنى بايقىسىلا ھۇجۇم قىلىشنى باشلايدۇ، لېكىن تەر پۇرىقى كۈچلۈك، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كىشىلەرگە، مەسىلەن، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق، كۆپ تەرلەيدىغان، ئۆپكە سىغىمچانلىقى چوڭ، نەپەس ئېلىشى ئېغىر كىشىلەر، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بەزى فىزىئولوگىيىلىك دەۋرىدىكى ئاياللارنى ئاسان چاقىدۇ .

  دائىم يۇيۇنىدىغان، ئاز ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ پاشىنى «جەلپ قىلىش» كۈچى ئاجىز بولىدۇ

  جاۋ لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: پاشىنىڭ چېقىۋېلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، يازدا چوقۇم پات-پات يۇيۇنۇپ، بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، بەدەندىكى تەر، سۈت كىسلاتاسى ۋە ئاممىياك گازى قاتارلىقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ئەگەر پاشىنىڭ «جەلپ قىلىش» كۈچىنى ئازايتماقچى بولسىڭىز، ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرسىڭىز ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار جايدا تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا، پاشىمۇ ئاز چاقىدۇ.

  نېمە ئۈچۈن پاشا چاققانسېرى قىچىشىدۇ ؟

  قان تومۇر دىۋارى پاشا تەرىپىدىن زەخمىلەنگەندە، قان سۇيۇقلۇقى قان ئۇيۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، قان تومۇر دىۋارىدىكى زەخمىلەنگەن جاينى داۋالاپ، قاننىڭ قىسمەن رايونلاردا قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پاشىنىڭ قان سۈمۈرۈشىگە پايدىسىز بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن پاشا قان ئۇيۇشقا قارشى ئاقسىلنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قان سۈمۈرۈشتىن ئىلگىرى قان تومۇر توقۇلمىلىرىغا كىرگۈزسە، قاننىڭ ئۇيۇشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى گىستامىن ئاقسىلىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قان ئۇيۇشقا قارشى بۇ خىل ئاقسىلغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى چېقىۋالغان ئورۇندا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ، قىچىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ