- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تەندە ئۆزھال قالمىدى
2015.04.27 10:52 مەنبە: خەلق تورى
مەيلىڭنى دىلبەر سەن ئەجەب كەلدىڭ دىلىڭدا سىر قىلىپ ،
تەندە ئۆزھال قالمىدى قايماقتا باشىم پىر قىلىپ .
ھېسلىرىمدىن سىرغىدىكەچمىشلىرىمنىڭ ئەتىسى ،
يۈرگىنىڭ يۈرگەن لېكىن ، سۆيگۈمنى بەرىبىر قىلىپ .
ئۆكسۈدۈمئەتمىشلىرىڭ قەلبىمنى تىلغايدۇ تالاي ،
شۇندىمۇ شاھ سەن ماڭا ، نازىڭنى ئاھ ! تەدبىر قىلىپ .
مەست ئەمەسمەن ۋە لېكىن كەيپىمگە ئۈلپەت ھىدلىرىڭ ،
بىر يىغام بار يىغلىسام تىترەيدۇ ئالەم دىر قىلىپ .
مەن كېتەر بولسام منى ئەلەيدۇ كىملەر بىلمىدىم ،
يوق ئامال ئىلغاشقا ئاھ ! قەلبىمنى يار غەلۋىر قىلىپ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر