- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەن مىراب دەردلەرگە ئاھ !
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:51 مەنبە: خەلق تورى
بىر قىيا باقتىڭ ئەجەب ! ئالدىڭغۇ جاننى سۆيگىنىم ،
ئۇيقۇدىن قالدىم بۈگۈن ( ئەتەمگە ئوخشاش ئۆگۈنۈم . )
مەن قىيان قىلدىم يەنە پىنھاندا ساقلاپ سۆيگۈنى ،
مەن بىراب دەردلەرگە ئاھ ! خىلۋەتتە قالدى كۆيگىنىم .
ئىزدىدىم قاچتىڭ قايان ؟ كىملەرگە باقتىڭ خۇش چىراي ...
راستمىدۇر سەنسىز نىكار ۋە ياكى يالغان كۈلگىنىم ؟
مەن پەقەت ۋەسلىڭگە زار ! قەلبىمدە ئارمان لىپمۇلىق ...
ئار ئەمەس تەگمەي قەدەھ لەۋلەرگە چاڭقاپ يۈرگىنىم .
سۆيگۈ دەپ كۆيدى يۈرەك ! ( ئاتەش ۋىسالنىڭ پەيتىمۇ ... )
بولمىسا قولداش ئۈمىد ، بولمامدۇ شۇ چاغ ئۆلگىنىم ...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر