باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۆيگۈ رىشتى ئەسلىدە

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.27 10:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


تىلىپ باققىن يۈرەكنى قان چىقامدۇ ، ئازاپمۇ ؟
قۇربانلىرىم ساناقسىز ، بىلەلمىدىم ساناپمۇ .

سوئاللارنىڭ تەشۋىشى تەستەكلەيدۇ تىلەكنى ،
نە قىسمەتكە مۇپتىلا بولدۇم يوقتۇر جاۋاپمۇ .

ساداقەتنىڭ بەرگىدىن لېپاپ ياساپ قەلبىمنى
سالسام تەكرار سادا يوق ! يۈزۈڭ جانان كاناپمۇ ؟

مېھرى ئىللىق مەن ئۈچۈن سەن مۇز چىراي كەپىسى ،
كەتكۈزەلمەي ئاۋارە بىراۋ ئىتتەك قاۋاپمۇ .

سۆيگۈ رىشتى ئەسلىدە نازۇك ئىدى ، زىل ئىدى ،
ئېيتقىن تەڭرى ، ئۇ مېنى باغلاپ ئالغان تاناپمۇ ؟ ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر