- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئالمىشىپ قالدى پەسىل
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:34 مەنبە: خەلق تورى
ئاھ ! دىدار ۋەسلى ئۈچۈن سەدپارە دىل ئاھ ! ئۇشبۇكۈن ،
تولغىنىپ كەلدىم كۆيۈپ ، ( گوياكى قىل ئاھ ! ئۇشبۇكۈن ) .
سەن بۇلۇپ قەلبىمگە شاھ ، يوقتۇر نەزەر شۇندىن بېرى ،
بولدىغۇ بەكمۇ ئۇزاق ..... ( ھەتتاكى يىل ئاھ ! ئۇشبۇكۈن )
نازلىنىپ كىرپىك قېقىپ ، ئەقلىمنى لال قىلدىڭ قېچىپ ،
المىشىپ قالدى ئەجەپ ، ( كۈتكەن پەسىل ئاھ ! ئۇشبۇكۈن )
تۈن ئەمەس كۈندۈزدىمۇ يۇلتۇز بىراۋغا پارلىدى .....
تار ئىكەن ئالەم ماڭا ، ( كەڭ يومۇ زىل ئاھ ! ئۇشبۇكۈن ) .
مەن غېرىپ بولدۇم نىتەي كۆرمەي ۋىسالنىڭ جامىنى ،
ئاقتى كۆز ياش ، يوق ئامال ! ( دەريائى نىل ئاھ ! ئۇشبۇكۈن ) .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر