باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بۇندا ياتار پىنھان بىر ئارال

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

(شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ چىڭپۇ ئىجادىيەت بازىسىدىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ)

پايانسىز كۆل، ياپيېشىل ئورمان،
بۇندا ياتار پىنھان بىر ئارال.
نە ئارالكى، ئەدەبىيات ئۈچۈن-،
كۆيگەن جانلار بۇندا بولغان لال…

رەڭدار گۈللەر كۆركى ئارالنىڭ،
كېپىنەكلەر ئوينار ئۇچۇشۇپ.
تۈمەن خىل قۇش ئېيتىدۇ غەزەل،
شائىرلارغا سىرداش بولۇشۇپ.

مۇشۇ ئارال، ئىللىق ماكاندا،
لاۋۇلدىغان ئون ئىككى يۈرەك.
ئىلھام قۇشى كۆكلەردىن ھالقىپ،
قەلەملەردىن تۆكۈلگەن چېچەك.

قىزىپ كەتكەن مۇشائىرىلەر،
ھەزىللەردە مېھىر ۋە تىلەك.
ئۇيغۇرچە ئۈن، مىللىي ئەنئەنە،
بۇ ماكانغا بولغانتى بېزەك.

خىلۋەت كەنت، تۇمانلىق يولدا،
قالغان ئىدى ئوتلۇق تىنىقلار.
سىم – سىم يامغۇر، تىنچ دەريادا،
بەخت تىلەپ ئۆتكەن بېلىقلار…

ئاھ، ھەممىسى قالدى يىراقتا،
بىزنى ئەسلەپ تۇرغاندۇ شۇ جاي.
ئون ئىككىمىز ھەر يەردە، دەرتتە،
ئەۋلادقا خەت يازىمىز تىنماي…

گۈللەر كىمگە ئېچىلارمىز دەپ،
غۇنچە پېتى تۇرار مۇڭلىنىپ.
بېلىق جىمجىت، قۇشلار بىناۋا،
دەريا ئاقماس ئەمدى تولغىنىپ…

مەن يىراقتا، يەنە يات يۇرتتا،
كەچمىش، ئارزۇ قىينايدۇ قەۋەت.
ئون ئىككى دىل يەنە جەم بولۇپ،
شۇ ئارالغا مۇھەببەت قوشۇپ،
ياشاپ باقساق يەنە بىر نۆۋەت…
(2012 – يىلى ئۆكتەبىر، چاڭشا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر