ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » 7-ئاپرېل خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ مانچىستىر رايونىدىكى ئاشتون قانىلى ئەتراپىدىكى بىر خىمىيە سانائەت زاۋۇتىدا 5-ئاپرېل ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ئۆچۈرگەندە ئىشلەتكەن سۇ ئوت كەتكەن بىنادا ساقلانغان سۇيۇق ھالەتتىكى سوپۇن سۈيى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ مىقداردا مازغاپ شەكىللىنىپ، ئاشتون قانىلى « مازغاپ دەرياسى » غا ئايلانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۇرغۇن مازغاپ قانالغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، ئەتراپتا بېقىلىدىغان بېلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. نۆۋەتتە ئەنگلىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشنى باشلاپ، بۇ مازغاپلارنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارغا تەسىر بارمۇ-يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. بۇ ئورگاننىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: مازغاپ 30 نەچچە مېتىرغىچە سوزۇلدى، لېكىن دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مازغاپلارنىڭ سۇنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەسىرى چەكلىك ئىكەن. ئۇلار داۋاملىق ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ مازغاپتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۇنىڭ قانال ۋە ئەتراپىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارغا بولغان تەسىرىنى تەكشۈرىدىكەن.
مانچىستىر ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋە قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت ئورگانلىرى نۆۋەتتە ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.