باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كۆزۈم يەتمەس سەن تۇرغان مۇز شەھەرگە

ئۆمەرجان سىدىق

2015.04.08 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺋﯘﭼﺮاﺗﺘﯩﻢ ﻣﻪن ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎن ، ﻗﻪﻳﻪردە ،
ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى دﯨﻞ ﻛﯚزۈﻣﺪە ﺋﻮﺑﺮازﯨﯔ.
ﺳﯘس ﻛﯜﻟﯜﺷﯜڭ، ﻟﻪرزان ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﯔ،
ﻗﯩﻴﻨﺎر ﻳﻪﻧﻪ ﺟﺎن ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺷﻮخ ﻧﺎزﯨﯔ.

ﺷﺎﻗﯩﺮاﺗﻤﺎ ﻛﻪﺑﻰ ﻧﺎزﻏﯩﭗ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﯔ ،
ﻳﻪﻟﻜﻪڭ ﺗﺎﻣﺎن ﭼﯜﺷﺴﻪ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ «ﺷﺎرﻗﯩﺮاپ».
ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺳﺴﺎ ﺟﯜپ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪەك ﻣﻪﯕﺰﯨﯖﻨﻰ ،
ﮬﻪﺳﻪن-ﮬﯜﺳﻪن ﻛﻪﺑﻰ رەﯕﺪار ﭘﺎرﻗﯩﺮاپ.

ﺗﺎڭ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن ﺷﯘ ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ زۇﻟﭙﯘﯕﻐﺎ،
ﮬﻪر ﺗﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﻤﻪن ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ.
ﺋﯧﺘﻪك ﻳﺎﻳﺴﺎ ﺑﻮش ﻳﻪﻟﭙﯜﻧﯜپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا،
ﺗﻪڭ ﺗﻪۋرﯨﻨﻪر ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ دﯨﻠﯩﻢ ﺑﻰ رﯦﺘﯩﻢ.

ﻗﺎرا ﻳﯘﻟﺘﯘز ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ دەي،
ﻧﯩﮕﺎﮬﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﭼﯧﻜﻰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن.
ﺋﻮﺗﻠﯘق-ﺋﻮﺗﻠﯘق ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘپ،
ﭼﺎﯕﻘﺎق دﯨﻠﯩﻢ ﻳﺎﺳﺎپ ﭼﯩﻘﺎر ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎن.

ﺳﻪرۋى ﺑﻮﻳﯘڭ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا،
ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻳﯜرەك ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﯩﺪۇ ﺗﯧﭙﭽﻪﻛﻠﻪپ.
ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺴﺎڭ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ،
ﻛﯧﺘﻪر ﺋﺎرزۇ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪپ.

ﺋﺎي ﻣﯚﻛﻜﻪﻧﺪە، ﺳﻪن ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪە،
ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ دالا ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺘﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯘت.
ﺗﯘﻏﯘﻟﺪۇڭ ﺳﻪن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ،
ﺑﻮﻟﺪۇم ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘر ﺗﯚﻛﻜﻪن ﺋﺎق ﺑﯘﻟﯘت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر