باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

رۇسىيەلىك چولپان ۋىتاس تەنقىدكە ئۇچرىدى

2013.05.15 10:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەدىكى تۇرمۇش خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاي كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا، ۋىتاس موسكىۋادىكى رۇسىيە كۆرگەزمە مەركىزى مەيدانىدا ۋېلسىپىتلىك كېتىۋاتقان 28 ياشلىق ئولگانى سوقۇۋەتكەن. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېلسىپت دەقىقە ئىچىدە تۆمۈر-تەسەك دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بەختكە يارىشا، ئولگانىڭ بىلىكى ۋە پۇتىلا سۈرۈلۈپ كەتكەن، ئارقىدىنلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئولگانىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ ئېيتىشىچەم ۋىتاس ئولگانىڭ ئەھۋالىنى سورىماستىن، بەلكى ئېغىزىنى بۇزۇپ ئولگانى تىللىغان، ھەمدە قولىدا تاپانچىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان (كىيىن بۇ تاپانچىنىڭ ئويۇنچۇق تاپانچا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان)، ھەمدە ساقچى يېتىپ كىلىشتىن بۇرۇن قېچىپ كەتمەكچى بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ماشىنىدا يەنە بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بالا بار بولۇپ، (ۋېتاسنىڭ ئايالى ۋە قىزى بولۇشى مۇمكىن) ئۇلار ماشىنىنىڭ ئىشكىنى تاقىۋېلىپ، ئادۋوكات بىلەن شوپۇر يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ساقچى ئىدارىسىغا بارغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان، رۇسىيەنىڭ دوستلىشىش تورىدا نۇرغۇن ئادەملەر بۇ « كىيىنىشى رەتسىز، بىزەپ گەپ قىلغان، تاپانچا ئېلىپ تەھدىت سالغان» ئادەمنىڭ ۋىتاس ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

  بۇ ۋەقەدە ۋىتاسنىڭ ئېلان قىممىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئېلان سودىگەرلىرىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نامىغا داغ چۈشكەن بۇ چولپاننى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلمايدىكەن. پىلان بويىچە ۋىتاس 15-چېسلا كەچتە رۇسىيەدىكى بىر شەھەردە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، ھازىرغا بۇ پائالىيەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوق.

  بۇ ۋەقەدە سىرتقى دۇنيادىكىلەر تۇنجى قېتىم ۋىتاسنىڭ ئايالىنىڭ سەلبىي ئوبرازىنى كۆرۈپ قالدى، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ مەست، چاچلىرى قالايمىقان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى « قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئايال» دېيىشكەن. ۋىتاسنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى سىۋېتلەننا بولۇپ، ۋىتاس سىۋېتلەننا 15 ياشقا كىرگەندىلا ئۇنىڭ ئېلىپ موسكىۋاغا كەلگەن، تۆت يىل بۇرۇن قىزى ئالا تۇغۇلغان. ۋىتاس ئۆزىنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىش ئۆتۈپ خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن، سىۋېتلەننانىڭ ئاتا-ئانىسى ۋىتاسنى ئاران ئەپۇ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە