مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇلتۇر زايوم تارقىتىش مىقتارى %20 ئاشتى

57 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنلىك تۈرلۈك زايوم تارقىتىلدى

2021.01.27 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 26-يانۋار ئېلان قىلغان 2020-يىللىق پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى ئېلىمىز زايوم بازىرىنىڭ تارقىتىش كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، نەق زايوم سودا مىقدارى كۆپەيگەن، پايدا نىسبىتى ئەگرى سىزىقى تەكشى ئۆرلىگەن، بازاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ كۆپ مەنبەلەشكەن، پۇل بازىرى ئۆسۈم نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، بانكىلارئارا پۇل بازىرى سودا مىقدارى كۆپەيگەن، ئۆسۈم نىسبىتى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈشۈش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە زاكاز مال باھاسى ئازراق تۆۋەنلىگەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ زايوم بازىرىدا تارقىتىلغان تۈرلۈك زايوم 57 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %26.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بانكىلارئارا زايوم بازىرىدا تارقىتىلغان زايوم 48 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.5 ئاشقان. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، زايوم بازىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قالدۇقى 117 تىرىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بانكىلارئارا زايوم بازىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قالدۇقى 100 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولغان. 2020-يىلى تارقىتىلغان دۆلەت زايومى 7 تىرىليون يۈەن، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى 6 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن، پۇل مۇئامىلە زايومى 9 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن، ھۆكۈمەت مەدەت بېرىدىغان ئاپپاراتلار زايومى 358 مىليارد يۈەن، مۈلۈك مەدەت بېرىدىغان ئاكسىيە 2 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن، كەسىپداشلار ئامانەت پۇل تالونى 19 تىرىليون يۈەن، شىركەتلەر كىرېدىت زايومى 12 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن تارقىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ