مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ھەييار پومپىئو مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ۋە ھېساب ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ، دېدى

2021.01.21 19:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 20-يانۋار، ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: پومپىئو ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بەك كۆپ يالغان سۆزلىدى، بەك كۆپ زەھەر سالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پومپىئو تارقاتقان ھەر خىل يالغانچىلىق ۋە زەھەرلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ، پومپىئو ئېقىمىدىكىلەر مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ۋە ھېساب ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى جۇڭگو تەرەپ قايتا-قايتا سەۋرچانلىق بىلەن تونۇشتۇردى ۋە چۈشەندۈردى. جۇڭگو تەرەپ ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا ئالاقىدار سەككىز پارچە ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 23 مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۇرغۇن تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، مىساللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان، ئىتتىپاق، ئىناق تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى. 2019-يىلى، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ 1200 دىن ئارتۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، مۇخبىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە باردى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، خۇشال، ئىناق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 30 ياشتىن 72 ياشقا ئۆستى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى سىجىل ئېشىپ، 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە %25.04 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %13.99لىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى، خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ %2لىك ئېشىش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ناھايىتى ياخشى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى، ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۆتكەن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى قايتا يۈز بەرمىدى. جۇڭگو ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قولى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئىلھام، ياردەم ۋە مەدەت بەردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، ئىلمىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى.

  «پومپېئونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى 25 مىليون شىنجاڭ خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىگە قىلىنغان ئىنتايىن زور ھاقارەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا قىلىنغان ئىنتايىن زور ھاقارەت، تېخىمۇ مۇھىمى ئەخلاق-ھەققانىيەت ۋە ئاساسىي ۋىجدانغا قىلىنغان ئاسىيلىق ۋە خىرىستۇر.» خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: پومپېئو پاكىتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، يالغانچىلىقنى مىزان قىلدى، ئۆزىنىڭ ساپاسىنىڭ ناچارلىقىنىلا ئەمەس، يەنە ئامېرىكىدىكى ئايرىم كۈچلەرنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل غەرىزىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  «نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى پومپېئو ئېقىمىدىكىلەر تۆھمەت قىلىپ، قارا چاپلاپلا ئۆزگەرتەلەمدىكەن؟! جۇڭگودىكى 56 مىللەت، 1 مىليارد 400 مىليون خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەتكە كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىمەكتە، بۇنى پومپېئو ئېقىمى ياچىۋەكنىڭ قولى بىلەن توسۇپ قالالامدۇ؟!» خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ھەققانىيەت بەلكىم كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن كەلمەي قالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پومپىئو تارقاتقان ھەر خىل يالغانچىلىق ۋە زەھەرلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىىدۇ، پومپىئو ئېقىمىدىكىلەر مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ۋە ھېساب ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ