مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگونىڭ پومپىئو قاتارلىق كىشىلەرنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.01.21 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگونىڭ پومپىئو قاتارلىق كىشىلەرنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى سىياسەتۋازلار ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى خۇسۇسىي مەنپەئىتى ۋە جۇڭگوغا بولغان بىر تەرەپلىمە ئۆچمەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆز يۇمۇپ، بىر قاتار غالجىرانە قىلمىشلارنى پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگوغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغان، ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار 28 نەپەر خادىمنى جازالاشنى قارار قىلدى، بۇ، ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى پومپېئو، ناۋارو، ئوبلېيىن، شىداۋېي، پوتتىنگېر، ئازا، كراچ، كرافت ۋە بورتون، باننون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا كىرىشى مەنئى قىلىندى، ئۇلار ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاپپاراتلارنىڭمۇ جۇڭگو بىلەن ئالاقە قىلىشى، سودا قىلىشى چەكلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ