مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىنىڭ «تىل-ئاھانىتى»گە قانداق مۇئامىلە قىلىش __ «خەلقنىڭ راست ياكى يالغان چاكىرى» ئىكەنلىكىنى سىنايدۇ

2021.01.27 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەھەللە كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى يىغىنى ئاچمايلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېڭى غوجىلىق شىركىتىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆتۈشىگە يول قويغانلىقتىن، گۇيجوۋدىكى بىر ئايال ئۈندىدار توپىدا مەھەللە ياچېيكا شۇجىسىنى «سامان قورساق ياچېيكا شۇجىسى» دەپ تىللىغان، بۇ سەۋەبتىن، بىجيې شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى شەھەر ئاتلاپ گۈيياڭغا بېرىپ، ئۇنىڭغا كويزا سېلىپ، گۇيياڭدىن ئېلىپ كەتكەن ھەمدە ئۈچ كۈن توختىتىپ قويغان. 26-يانۋار، بىجيې شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاقىدار مەمۇرىي جازا قارارىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ۋە دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار خىزمەتتىن توختىتىلىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. نۆۋەتتە، مۇناسىۋەت دېلوسى، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى بېجىرىش قاتارلىق قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىتا، شۇ جايدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈشكە ئارىلاشتى.

  ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئەسلىسەك، بۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ دېيىشىچە، ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى يىغىنى ئاچمايلا، غوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆي ئىگىسى مەھەللە ياچېيكا شۇجىسىدىن بۇ ئىشنى سورىغان، ياچېيكا شۇجىسى «ئۆي ئىگىلىرى يىغىنىنى ئېچىش-ئاچماسلىق، قانداق ئېچىش − ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئىشى» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئارقىدىن بۇ ئۆي ئىگىسى ياچېيكا شۇجىسى بىلەن قىلىشقان دىيالوگنى ئۆي ئىگىلىرى توپىغا يوللىغان ھەمدە «بۇ سامان قورساق ياچېيكا شۇجىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراڭلار» دەپ يازغان. مەمۇرىي جازا قارارىدا جازا بېرىشنىڭ پاكىت ئاساسى دەل «سامان قورساق ياچېيكا شۇجىسى» ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ياچېيكا شۇجىسىنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىغا ئاساسەن، غوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىشنى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق قارار قىلىدۇ. دېمەك، غوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى ئۆي ئىگىلىرى يىغىنىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس. ئىككىنچىدىن، ھەر قېتىمقى ئۆي ئىگىلىرى يىغىنىنى تەشكىللەش ھەقىقەتەن ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمىتى، لېكىن ئۆي ئىگىلىرى يىغىنىدا تۈزۈلگەن كېڭىشىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش، يەنە نازارەتنى قوبۇل قىلىش كېرەك. كونكرېت تىل مۇھىتىغا قويغاندا، ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، دەپ گۇمانلىنىپ، ئۆي ئىگىلىرى يىغىنىنى ئاچماسلىقنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەنقىدلىگەندە، مەھەللە ياچېيكا شۇجىسى يەنە ئۆي ئىگىلىرى يىغىنىنى ئېچىش-ئاچماسلىقنىڭ، قانداق ئېچىش قاتارلىقلار ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئىشى، دېيىشى ئېنىقلا مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنداق قىلغاندا ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارغا ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشنى تۈگىتىش، «ھوقۇقى»دىن پايدىلىنىپ باشلىقلارنى بېسىشتەك چۈشەنچە بېرىدۇ.

  قائىدە بويىچە ئىش قىلمىغاندا، ئاممىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قالىدىغان گەپ. «سامان قورساق شۇجى» دېگەن بۇ بىر ئېغىز سۆز − ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشى، رەھبىرىي كادىرلاردا كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋەتكۈدەك كەڭ قورساقلىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئاممىنىڭ تەنقىدى يوللۇق بولسا، تەنقىد ئاڭلاپ خۇشال بولسا بولىدۇ؛ ئەگەر تەنقىد يولسىز بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرسىلا بولىدۇ. قانداقلا بولسۇن، ئاممىنىڭ بىر ئېغىز تىل-ئاھانىتىنى ئاڭلاپلا، ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كېتىش، شەھەر ئاتلاپ ئادەم تۇتۇش ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقىدۇر.

  ئاممىنىڭ تەنقىدى − بىر داس سوغۇق سۇ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئادەتتە خۇشامەت سۆزلىرىنى، تەكەللۇپ سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلايدۇ، بىرەر قېتىم ئاممىنىڭ ھەقىقىي تىل-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلىسا، «خوش-خوش»لار ئىچىدىن ئويغىنىدۇ. «ياخشى گەپ قۇلاققا ياقمايدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. ئاممىنىڭ تەنقىدىگە قارىتا بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش − «خەلق چاكىرى»دا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەتتۇر.

  ئاممىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش − كادىرلار ئىستىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ كۆرسەتكۈچىدۇر. ھەقىقىي ئىستىلى پۇختا، كۆڭلىگە خەلقنى پۈككەن رەھبىرىي كادىرلار پۇقرالارنىڭ تىللىشىدىن قورقمايدۇ. پۇقرالارنىڭ نېمە ئۈچۈن تىللايدىغانلىقىنى تىرىشىپ ئېنىقلاپ، تىللاشنىڭ ئارقىسىدىكى مەسىلىنى ئىمكانقەدەر ھەل قىلىش − رەھبەرلەرنىڭ تىل-ئاھانەتكە قارىتا بولۇشقا تېگىشلىك پوزىتسىيەسىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: كەڭ تور ئەھلىگە قارىتا، كۆپرەك كەڭ قورساق بولۇش ۋە سەۋرچان بولۇش، ئىجابىي پىكىرلەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش، قىيىنچىلىققا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش، ئەھۋالنى چۈشەنمىگەنلەرگە ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىش، مۈجمەل تونۇشلارنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئاغرىنىشلارنى ۋاقتىدا تۈگىتىش، خاتا قاراشلارنى ۋاقتىدا يېتەكلەش ۋە تۈزىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ سۆزلەر پارتىيەلىك كادىرلارغا ئاممىنىڭ تەنقىدىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاممىنىڭ ئوي-پىكرىنى كۆپرەك چۈشىنىشنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

  «مەھەللە شۇجىسىنى تىللىغان گۇيياڭلىق ئايالنى ساقچىلار شەھەر ئاتلاپ قولغا ئېلىش» ۋەقەسى كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر دولقۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئەمەلدارلىق ھەيۋىسى»نى كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، چاكارلار چاكارلاردەك بولۇشى كېرەك، ھەقىقىي چاكارمۇ ياكى ساختا چاكارمۇ، بۇنى پەرق ئېتىشتە، ئاممىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر.

  مەسىلە بولسا ئاندىن پىكىر چىقىدۇ؛ مەسىلە مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا، ۋايساش ۋە تىل-ئاھانەتتىن خالىي بولۇش تەس. ئاممىنىڭ ئاغرىنىشى، ھەتتا ئۆتكۈر تەنقىدى ئالدىدا، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىش قىلمىشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئاممىنىڭ ساداسى − خىزمەتنى ياخشىلاش يۆنىلىشدۇر، پۇقرالارنىڭ «جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشىلىك، ئارزۇ-ئۈمىدلىك» ئىشلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلغاندا، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمەسلىكتىن غەل قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ