مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قالايمىقان ھەق يىغىشنى قەتئىي توسۇپ، قانۇندا بېكىتىلگەن باج يىغىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ نامۇۋاپىق يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2021.01.25 19:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق قالايمىقان ھەق يىغىشنى قەتئىي توسۇپ، قانۇندا بېكىتىلگەن باج يىغىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ نامۇۋاپىق يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەڭ بازار سۇبيېكتلىرى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچ مەنبەسى، مىليونلىغان ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، نامۇۋاپىق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەقنى زور كۈچ بىلەن ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، مەركەز تەسىس قىلغان مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ڧوند ئايرىم-ئايرىم ھالدا %70 ۋە %30تىن ئارتۇق كېمىيىپ، ھەرقايسى جايلارمۇ زور بىر تۈركۈم ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بولۇپمۇ بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەر بازار سۇبيېكتلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئىقتىساد ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، يۇقۇم ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ، بازار سۇبيېكتلىرى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى سىجىل تۈزەپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بىرىنچى، پۈتۈن مەملىكەتتە كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە ھەق ئېلىش تۈرى تەسىس قىلىش، ھەق يىغىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، ئىجتىمائىي تەسىرى ناچار بولغان قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاش كېرەك. ساھە، جەمئىيەت، ئۇيۇشمىلارغا قارىتا ھەق ئېلىشنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، قاتناش، باج، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كېسىم قىلىش ئۆلچىمىنى ئىلمىي تۈزۈپ، قاتناش قانۇنىغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلغان، ئادەتتىكى قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلىش، تاسادىپىي جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش قاتارلىقلارغا كۆپرەك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جەرىمانە قويۇشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك، باج قانۇن ئىجراسى ساھەسىدە «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق» تىزىملىكى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىش كېرەك. جەرىمانە-مۇسادىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەرىمانە-مۇسادىرە كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ، «كىرىم-چىقىم ئىككى لىنىيەسى»نى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەق يىغىشنى داۋاملىق ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلاردىن ھەق ئالىدىغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندنى يېڭىدىن تەسىس قىلىشتا جەزمەن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە قاتتىق بويسۇنۇش، مۇددىتى توشقان فوندلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدىغانلىرىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىر مەھەل قىيىن بولغانلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. مەمۇرىي-كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئادەتتىكى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى نامايان قىلىنغان ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، دېڭىز تىرانسپورت پورتىنىڭ ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، ئەشيا-ئوبوروت، ئامباردا ساقلاش، مال بېسىش-چۈشۈرۈش قاتارلىق مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىپ ھەق ئېلىش ۋە باھانى ئېنىق يېزىشى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەشىنچى، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، نامۇۋاپىق مەمۇرىي جازالاش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىغا چېتىشلىق قالايمىقان ھەق ئېلىشنىڭ تۈزۈم جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قانۇندا بەلگىلەنگەن باجنى نورمال يىغىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئىلگىرى نېسى قالغان ھەقلەرنى ئۆز ئالدىغا مەركەزلىك ھېسابلاپ تاپشۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى سەۋەبلىك ئاجرىتىپ يۆتكەپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ يىل بارلىق ئۆلكىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشتا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇسۇلنى ساقلىشى كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش كەسىپ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى توردا بېجىرىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن شەخسلەرنىڭ «ئالىقاندا بېجىرىش»ىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ياشانغانلار، ئېغىر مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ھەق تاپشۇرۇشىنىڭ راۋان، قولايلىق بولۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان دەرھال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بەلگىلىمە-ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ