مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى تۇڭلۇن بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.01.22 19:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى تۇڭلۇن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن توڭلۇننىڭ لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس پارتىيەسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، لائوستىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، 11-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوست قوشنىلار، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش __ جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. نۆۋەتتە، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋە يەر شارىۋى يۇقۇمىنىڭ قاتمۇ-قات تەسىرى ئالدىدا، جۇڭگو لائوس بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-لائوس ئىقتىساد كارىدورى ۋە جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئادىمىيەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو لائوسنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ، لائوسقا بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسى ياردەم بېرىشنى پائال ئويلىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو لائوس بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ توڭلۇننىڭ يېڭى مۇھىم خىزمەت ئورنىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  تۇڭلۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لائوس پارتىيەسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، يولداش باش شۇجىنىڭ لائوس-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە لائوس-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. لائوس پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى 11-قۇرۇلتىيىدا بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لائوس پارتىيەسى پىرىنسىپلىق ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى يېتەكلەپ بىر قاتار يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالىدۇ. لائوس جۇڭگونىڭ لائوسنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى مەزگىللەردە، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا لائوسنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لائوس يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن كۈرەش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

  تېلېفونلىشىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-لائوس دوستلۇق يىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى، يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-لائوس دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ